مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق دوكلاتلىرى ئۆزىنىڭ ساختا زومىگەرلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى

2021.07.15 12:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى سودا ئۇچۇرى ئۇقتۇرۇشىغا قارىتا، 7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شىنجاڭغا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلدى، تەكرارلانغىنىنىڭ ھەممىسى كونا يالغان سۆزلەر. ھەر قېتىم تەكرارلانسا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ساختا زومىگەرلىك قىلىش ماھىيىتىنى ئاشكارلايدۇ. مەن كۆپچىلىكتىن بىر سوئال سوراپ باقاي، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ھەمىشە باشقا دۆلەتلەرگە بۇنداق يوقىلاڭ بەتناملارنى توقۇپ چاپلايدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: چۈنكى بۇ قەبىھ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئەسلىي جىنايەتلىرى. ئامېرىكا غەربكە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىدە ئىندىئانلارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈردى ۋە قوغلاپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان ئىندىئانلار بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئاران%2نىلا ئىگەللەيدۇ، بۇ ئىرقىي يوقىتىش بولماي نېمە؟ ئامېرىكا قارا تەنلىك قۇللارنى نەچچە يۈز يىل ئېلىپ-سېتىش، خورلاش ۋە كەمسىتىش تارىخىغا ئىگە، بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى تارسافى ئافرىقا ئەۋلادلىرىغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغان، بۇ ئىرقىي يوقىتىش بولماي نېمە؟ ئامېرىكىدا تەخمىنەن 500 مىڭ بالا ئىشچى يېزا ئىگىلىك ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نۇرغۇن بالىلار سەككىز ياشتىن باشلاپ خىزمەت قىلىدۇ، ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 72 سائەتكە يېتىدۇ، ئۆلۈپ كەتكەن بالا ئىشچى دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇش بولماي نېمە؟ ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ئادەم چەت ئەلدىن ئامېرىكىنىڭ «قان-تەر زاۋۇتى»غا سېتىلىدىكەن، ئامېرىكىدا ئاز دېگەندە 500 مىڭ ئادەم زامانىۋى قۇللۇققا ئۇچرايدىكەن، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بولماي نېمە؟ جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ مەيلى قانچىلىك زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق يالغان گەپ توقۇپ چىقسۇن، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا تايىنىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتەك رەزىل سۇيىقەستىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ھەققانىيەت ۋە ۋىجدانى ئالدىدا، پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، دىققەتنى يۆتكەشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە زىيان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ