مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى يازلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە قاتنىشىشى، ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە قاتنىشىشى قاتارلىق تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى

2021.07.14 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا «قاراش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بەزى جايلار ۋە مەكتەپلەر يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇل ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە مەكتەپ تەشەببۇسكار بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئوقۇتقۇچى ئۆز رازىلىقى بىلەن بولۇش، ئوقۇغۇچىلار ئىختىيار قىلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاساسىي تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلى بىكار قىلىنىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ ئاساسى يوق، «يازلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈچىنچى مەۋسۇمگە ئايلىنىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ تارماقلىرى يەنە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەھەللە قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. يازلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئاساسلىقى ھەقىقەتەن ئېھتىياجى بار ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ قاتنىشىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىن قاتنىشىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  «ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك، لېكىن مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىش ھەمدە پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئىپادىسى مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك.» لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ» دېيىشنىڭ ئاساسى يوق.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ۋاقتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە زۆرۈر دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە ئوقۇتۇش-تەتقىقات، تەربىيەلەشكە قاتنىشىشىغا ۋاقىت قالدۇرۇش كېرەك.

  لۈ يۈگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئارام ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەر سىنىپ، كۇتۇپخانا، تەنھەرىكەت مەيدان-سارىيى قاتارلىق تۈرلۈك بايلىق ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىپ، بەزى كوللېكتىپ ئويۇن پائالىيىتى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت، قىزىقىشنى كېڭەيتىش، تاپشۇرۇق كونسۇلتاتسىيەسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى مۇۋاپىق تەشكىللىشى لازىم، لېكىن كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، يېڭى دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللىمەسلىكى كېرەك.

  لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: «‹يازلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈچىنچى مەۋسۇمغا ئۆزگەردى› توغرىسىدىكى قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ