مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىچكى كۆرسەتكۈچ مەۋجۇت ئەمەس، دېدى

2021.07.09 21:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان تورى 8-ئىيۇل ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۈتۈپ تۇرۇشتەك جىددىي پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توزىقى» قۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئالدايدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇرى تەلىپىگە يەتكەندىلا، ئاندىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىق، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە ئىشەنمەسلىك، ئالدامچىلىقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ساختا ھۆججەت ياساش، ئۆز ئالدىغا تامغا ئويۇش، تىزىملىتىش ئورنى تەسىس قىلىش ۋە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خادىملىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىقلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يالغاندىن قولىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئىچكى كۆرسەتكۈچى»، «زاپاس پىلانى»، «نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى»، «تۆۋەن نومۇر ئالغانلارنى ياخشى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش»، «تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش» ھۇقۇقۇم بار، دەپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياكى ۋاسىتىچىلار ئوقۇش تارىخى بىلەن غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىمتىھان بېرىش ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش سىنىپى، تور مائارىپى سىنىپى، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشى ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئالدايدۇ؛ قىسمەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى دەستەك قىلىپ، غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ