مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يازلىق تەتىللىك يېتەكچىلىك كۇرسلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2021.07.09 21:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن مەلۇم كۇرس، قىزىقىش سىنىپىغا تىزىملىتىشقا باشلىدى. يازلىق تەتىلدە مەكتەپ سىرتىدىكى بۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرى مەلۇم دەرىجىدە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، يەنە بالىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم ماھارىتىنى مۇۋاپىق يېتىلدۈرەلەيدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى بەزى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا توختام ماجىراسى، باھا ئالدامچىلىقى، ساختا تەشۋىقات، سالاھىيەت كەملىك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قالايمىقانچىلىقلار پات-پات يۈز بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  ئالاقىدار تارماقلار مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. كەڭ ئاتا-ئانىلارمۇ ئەقلىي بولۇشى، ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكى، قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىكى، بالىلارنى بىخەتەر، خۇشال، ئەھمىيەتلىك يازلىق تەتىل ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ