مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توردا تارقالغان «بېيجىڭ، خېنەندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان!

2021.07.09 21:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «بېيجىڭ، خېنەندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش» توغرىسىدا توردا خەۋەر تارقالدى. يازلىق تەتىلنىڭ باشلىنىش پەسلى بولغاچقا، بۇ خەۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  جۇڭگو ئالاقە تورى پىتنە-ئىغۋالارغا بىرلىشىپ رەددىيە بېرىش سۇپىسى دەرھال مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىسپات ئېلىپ، «بېيجىڭ، خېنەندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش»نىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  بۇ يالغان خەۋەر نېمە ئۈچۈن پەيدا بولدى ھەمدە كەڭ دىققەتنى قوزغىدى؟ بايقىلىشىچە، بۇ ئاساسلىقى قىسمەن تور ئەھلىنىڭ يازلىق تەتىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىياسىتىنى چۈشەنمەسلىكى، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

  6-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى يازلىق تەتىلگىچە ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭيى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىگە ئالاقىدار لايىھە»نى بېسىپ تارقىتىپ، گۇڭيى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يازلىق تەتىلدە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلۇق مائارىپ كومىتېتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن 5-يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەشكىللەيدۇ.

  بېيجىڭ، خېنەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يازلىق تەتىلدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىنىپى مۇئەللىملىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاقتىغا دەخلى قىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە بىر مەھەل توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىياسىتىگە بولغان خاتا چۈشەنچىگە ئاساسەن «بېيجىڭ، خېنەن ئۆلكىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش» توغرىسىدىكى يالغان خەۋەر تارقالدى.

  ئەمەلىيەتتە، يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى پەقەت بېيجىڭ، خېنەندىلا ئەمەس، شاڭخەي، نەنجىڭ، سۇجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇلازىمەتلەر قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە قارايدىغان ئادىمى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازلىق تەتىلدە بىكار تۇرغان كۈتۈپخانا، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان.

  خېنەن ئۆلكىسى گۇڭيى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىلدىكى مائارىپ مۇلازىمىتى ھەرگىزمۇ يازلىق تەتىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، مەكتەپ تەرەپ ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىسا بولىدۇ، مەكتەپ ھەرگىز ئوقۇتقۇچىلارنى قاتنىشىشقا مەجبۇرلىمايدۇ.

  خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ، ھەر كۈنلۈك ۋاقىت ئومۇمىي مىقدارى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان، ئومۇمىي ۋاقتى تۆت ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ۋە ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى 10 كۈن ئەتراپىدا دەم ئېلىش ۋاقتى ئاجرىتىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا دەم ئېلىش ۋە تەڭشەش مەزگىلى بېرىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ