مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2021.07.09 21:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، مەۋقەنى پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت مۇھىم پەيت ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخ گىرەلەشكەن مۇھىم تۈگۈنگە قويۇپ، شانلىق تارىخقا نەزەر سېلىپ، پارلاق كەلگۈسىنى تەسۋىرلەپ چىقتى، ئۇنىڭ سۆزى ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك بىر پارچە ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «1-ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە كىرگۈزۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئارمىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان مۇتلەق سادىقلىقنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، سىياسىي تونۇش، نەزەرىيە تونۇشى، ھېسسىي تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان ئىشەنچ، ھىمايىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپىنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك؛ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارمىيەدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتە بىلەن قوغداش كېرەك؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «1-ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى «تىزىملىك شەكلىدىكى» تەشۋىقات مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيە نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، يۇغۇرما تاراتقۇدا تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش لازىم. كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنىنى ياخشى ئېچىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاققىچە، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە، ئاممىۋى پىكىر، ئىچكى-تاشقى تەشۋىقات، تور ۋە تور سىرتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، خىسلەت-ئىستىلنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تەكشۈرۈش، باھالاش، كۆزىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش، قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ