مائارىپ مىنىستىرلىقى 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئالاھىدە يەسلىسى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت تارقاتتى
2021.07.08 12:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2021-يىلى مەملىكەتلىك پۇتبول ئالاھىدە يەسلىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك بالىلار پۇتبول ئويۇنى ئارقىلىق بالىلارنىڭ قويۇق پۇتبول قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ياخشى پۇتبول مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بالىلار پۇتبولىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بالىلارنى پۇتبولنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىپ، پۇتبول قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ