مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

95 مىليون 148 مىڭ پارتىيە ئەزاسى 4 مىليون 864 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى

​باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇقنى ساقلىدى

2021.07.02 08:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 95 مىليون 148 مىڭ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئومۇمىي سانى 4 مىليون 864 مىڭ بولغان. 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيەگە ئايلانغان.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %3.5، 1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى 4 مىليون 488 مىڭدىن تەخمىنەن 20 ھەسسە ئاشقان. 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە 4 مىليون 739 مىڭ پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىلغارلار بەس - بەستە پارتىيەگە كىرىشكە ئىلتىماس قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 2 مىليون 312 مىڭ پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. تېخىمۇ كۆپ يېڭى قان پارتىيە قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرى گۈللىنىپ روناق تاپقان، گۈللەپ ياشنىغان جۇشقۇن كەيپىياتنى نامايان قىلغان.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشقان. ياش پارتىيە ئەزالىرى سىجىل كۆپەيگەن. 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن ياش پارتىيە ئەزالىرى 23 مىليون 679 مىڭغا يېتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %24.9ىنى ئىگىلەپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. مەدەنىيەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزالىرى 49 مىليون 513 مىڭغا يېتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %52.0ىنى ئىگىلىگەن. ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.9تىن %28.8كە ئۆرلەپ، ئومۇمىي مىقدارى 27 مىليون 450 مىڭغا يەتكەن. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.5تىن %7.5كە ئۆرلەپ، ئومۇمىي مىقدارى 7 مىليون 135 مىڭغا يەتكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ساندا پارتىيە ئەزالىرى بار بولغان. پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن، زورايغان. ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %33.9ىنى ئىگىلەپ، سانى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكىنىڭ 11.6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئىچىدە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار 10 مىليون 612 مىڭ بولۇپ، %11.2نى ئىگىلىگەن، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى 15 مىليون 75 مىڭ بولۇپ، %15.8نى ئىگىلىگەن.

  پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى كۈنسايىن پۇختىلانغان. پۈتۈن مەملىكەتتە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلىرىدىن جەمئىي 3199ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك كومىتېت 31، شەھەر (ئوبلاست)لىك كومىتېت 397، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك كومىتېت 2771؛ پارتىيە گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي 125 مىڭى، خىزمەت كومىتېتىدىن 22 مىڭى بار. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى 195 مىڭدىن 4 مىليون 864 مىڭغا كۆپىيىپ، تەخمىنەن 24 ھەسسە ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 8942 شەھەر كوچا باشقارمىسى، 30 مىڭ يېزا - بازار، 113 مىڭ مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، 492 مىڭ مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلغان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن جەمئىي 742 مىڭى، كەسپىي ئورۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 933 مىڭى، كارخانا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 1 مىليون 513 مىڭى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 162 مىڭى بار بولۇپ، قۇرۇشقا تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدىكى مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى قەيەرگىچە تەرەققىي قىلسا، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى شۇ يەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 255 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر تاللاپ ئەۋەتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشقان؛ 3 مىليون 306 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 39 مىليون 144 مىڭ پارتىيەلىك كادىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئاتلىنىشقا تەشكىللەنگەن، سەپەرۋەر قىلىنغان. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى باشتىن - ئاخىر مۇھىم، زور كۈرەش ئاساسىي بازىسى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ