شى جىنپىڭ مەمەتجان ئۆمەرگە 1-ئىيۇل ئوردېنى بەردى

2021.06.30 14:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى 29-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مەمەتجان ئۆمەرگە «1-ئىيۇل ئوردېنى» بەردى.

  مەمەتجان ئۆمەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىن، 1973-يىلى 7-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن. ئۇ بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ئىلغار نەمۇنىچى، ئۇ ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى، ئۇ شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۆلۈكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان 30 نەچچە يىلدا، كەنتتە بىرمۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت تىلى يەسلىسى ئېچىپ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ