خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 1- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش قاناللىرى، ئاساسىي چاستوتىلىرى، ئاخبارات تور پونكىتلىرى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ