مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخ كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى

ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2021.06.21 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 18-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شۇ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى. ھەممەيلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى، داۋاملاشتۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇش، پارتىيە تارىخى ئاساسىي تېما قىلىنغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش — پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا ئاچقان ئۇلۇغ يولىنى، بەرپا قىلغان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى، ياراتقان ئۇلۇغ روھىنى، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى نامايان قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىيەنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن كارغا كېلىدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، داۋاملىق قىزىل قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى قۇبۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ياڭ جيېچى، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، سەي چى، جاڭ چۈنشيەن، جاۋ كېجى، جاڭ چىڭلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، باش تېما كۆرگەزمىسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ