مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخنى بىلىش ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيەيلى

2021.06.16 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16-ئىيۇن نەشردىن چىققان 12-سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخنى بىلىش ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيەيلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخ ‐‐‐ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. پارتىيەمىز ۋە ئېلىمىز ئىشلىرىنىڭ سەۋەب-نەتىجىسىنى چۈشىنىپ، پارتىيەمىز ۋە ئېلىمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى زور ۋەقە ۋە مۇھىم شەخسلەرنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. بۇ ‐‐‐ پارتىيە ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا تونۇشتا ئىنتايىن زۆرۈر، كەلگۈسىنى يارىتىشتىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قىلالايدىغانلىقى»، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «كارغا كېلىدىغانلىقى»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكى قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپتەشۋىقات-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگودا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ‐‐‐ جۇڭگو، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زور بەختى. بىز جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى، جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخى، جۇڭگو ئىنقىلاب تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلا بولساق، ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا ئېلىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك خەلقئارالىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاسانلا كۆرۈپ يېتەلەيمىز. پارتىيە بېسىپ ئۆتكەن بوران-چاپقۇنلۇق تارىختىن،پارتىيە يول ئاچقان ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەن ئۇلۇغ ئىشلاردىن، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدىن تىرىشىپ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدەمېڭىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، كۆزىمىز ئالاھىدە روشەن بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى لازىم، ھېچقانداق بىپەرۋالىق قىلىشقا ۋە تەۋرىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى قوغداپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ