مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2021.06.16 10:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21 دىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مانېۋىرغا ۋە نەق مەيدان كاپالەتلىك خىزمىتىگە قاتناشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىر مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەبرىكلەش يىغىنى، مەيدانغا كىرىش-چىقىش، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۆت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىردىكىلەر، خور ئۆمىكىدىكىلەر، دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئەترىتىدىكىلەر، ھۆرمەت توپى ئېتىش ئەترىتىدىكىلەر ۋە پىدائىيلار قاتارلىق خادىملارنىڭ پائالىيەت تەرتىپى ۋە يىغىلىپ تارقىلىشى نۇقتىلىق مانىۋېر قىلىنىپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ياڭراتقۇ كاپالىتى قاتارلىق كەسپىي قوشۇنلار تەشكىللىنىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان.بۇ قېتىمقى مانېۋىردا تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانى، يادرولۇق ئامىللىرىنىڭ دەل جايىدا جىپسىلىشىشى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىللەش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قوماندانلىق قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى، مانېۋىرنىڭ تەشكىللىنىشى توغرا، ئەتراپلىق، يۈرۈشۈش ئاقما لىنىيەسى تەرتىپلىك، راۋان بولۇپ، كۆزلىمە نىشانغا يەتتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كېچىلىك مانېۋىر پائالىيىتى كەڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ