مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1-ئىيۇلدىن بۇرۇن، ج ك پ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى ئېچىلىدۇ

2021.05.21 11:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ج ك پ 1- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى 1- ئىيۇلدىن بۇرۇن ئېچىلىدىكەن، شۇ چاغدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نۇقتىلىق پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قىزىل مەدەنىيەتنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنى ئېچىش ۋە «ئۇلۇغ باشلىنىش ___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى تارىخى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن؛ «شاڭخەي شەھىرىنىڭ قىزىل بايلىققا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە قوغداپ پايدىلىنىش نىزامى» ئېلان قىلىندىكەن، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، قىزىل بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندا، شاڭخەي «شاڭخەي قىزىل مەدەنىيەت خەرىتىسىنىڭ (2021- نەشرى)»نى ئېلان قىلىدىكەن، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» سۇپىسىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى ئۇچۇرلىرىنى قوللىنىش سۇپىسى «خۇڭتۇ» ئېچىلىپ، شاڭخەيدىكى 400 گە يېقىن قىزىل بايلىق ۋە 147 ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى تور سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەنزىرە نامايان قىلىنىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىل ساياھەت كىلاسسىك لىنىيەسى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-، 2-، 4- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، قىزىل ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن ھەم چاڭجياڭ دېلتىسى قىزىل ساياھىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدىكەن.

  ئالاقىدار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى يەنە شاڭخەي شەھىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، باش تېمىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىش، ئوتتۇرىغا چىقىرىش، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تېمىسىدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ