خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولغان تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قونۇش جەريانىدا ئىككى ئۈسكۈنە ئايرىلغان ۋە قونغاندىن كېيىن مارس ماشىنىسى تارتقان سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. سۈرەتتە، قونۇش سۇپىسى يانتۇ يولدىن ئايرىلدى ۋە جۇرۇڭخاۋ مارس ماشىنىسىنىڭ قۇياش قانىتى، ئانتېننىسى قاتارلىق قۇرۇلمىلار ئېچىلىپ، نورمال ئۆز ئورنىغا كەلدى.
بۇ ئىككى پارچە سۈرەت ئىچىدە، مارس ماشىنىسىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇدىن ساقلىنىش فوتو ئاپپاراتى مارس ماشىنىسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، قونۇش سۇپىسىنىڭ يانتۇلۇقتىن ئايرىلىش قۇرۇلمىسى نورمال ئېچىلغان، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنىڭ يەر شەكلى ئېنىق بولغان. مارس ماشىنىسىنىڭ يول باشلاش فوتو ئاپپارات لىنزىسى مارس ماشىنىسىنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تارتىلغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مارس ماشىنىسىنىڭ قۇياش قانىتى، ئانتېننىسى نورمال ئېچىلغان، مارس يۈزىنىڭ سىزىقچىلىرى ئېنىق، يەر شەكلى ئۇچۇرى مول بولغان.
ھازىر مارس ماشىنىسى قونۇش سۇپىسىدىن ئايرىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، مارسنىڭ سىرتقى يۈزىگە چىقىپ، چارلاپ تەكشۈرۈشنى باشلايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ