مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ جياشىڭدا «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش ئائىلە ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىش» قىزىل ئائىلە ئىستىلى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلدى

2021.05.19 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن 1945-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان، نۇرغۇن سەپداشلىرىمنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقىنى كۆرگەن، ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. مەن بۇ يىل 93 ياشقا كىردىم، ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشىم پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ پەيتكە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولۇش.» لېكسىيە سەھنىسىدە، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى ياڭ چياۋيۈن ئاشۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك يىللارنى ئەسلەپ، يەنىلا قايناق ھېسسىياتقا تولدى.

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى»، ئىنقىلابىي قىزىل كېمە يولغا چىققان جېجياڭ جياشىڭدا، بىر مەيدان «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش ئائىلە ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىش» قىزىل ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن ئائىلىلەرگە يۈزلىنىپ قانات يايدۇرغان قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش يۈرۈشلۈك نۇقتىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.

  پائالىيەت ئالدىنقى مەزگىلدە قېزىلغان قىزىل ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسىدىن ئۈچ نەپەر لېكسىيە سۆزلىگۈچىنى نەق مەيدانغا بېرىپ سۆزلەشكە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى. ئىنقىلابىي ئەجداد ياڭ چياۋيۈندىن باشقا، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىلى يۈەن يىڭ، قىزىل كېمىنى قوغدىغۇچى جاڭ يىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل ئائىلە ئىستىلى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرنى قىزىل تومۇرنى ياخشى ساقلاپ، قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە 100 ئائىلىلىك ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋە جياشىڭ شەھەر ئاھالىسى ئائىلە ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، «ۋاڭ خۇيۋۇ − 1-قۇرۇلتايغا قاتناشقان خىزمەتچىلەر» سۇ ئۈستى پارتىيە دەرسىنى ئاڭلاپ، ئىنقىلابىي قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىغان، ئىنقىلابىي ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىپ، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەڭ ئائىلىلەرنى ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىگەن.

  قىزىل ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسىنى كەڭ تارقىتىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن، جياشىڭ قىزىل كېمە ئوغۇل-قىزلىرى تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ، «زامان-ماكان ھالقىغان قىزىل گېن ئاتا-بالا بىللە مېڭىش» پائالىيىتى، «ئاپام مېنى يېتەكلەپ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇتتى» ئاتا-بالا دېكلاماتسىيە قىلىش پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئائىلىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش ئائىلە ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىش» قىزىل ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى كەڭ ئائىلىلەرنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەم ئائىلە تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، قىزىل ئىنقىلاب روھىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىش ئۈچۈن ئائىلە كۈچى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ