مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ئەر-خوتۇنلار تىزلىنىپ تىلەمچىلىك قىلدى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ئۆيى بارلىقىنى بايقىدى

2021.05.18 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى چىڭجياڭپۇ رايونى نەنمېن كىچىك كوچىسىدا، بىر ئەر ۋە بىر ئايال يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتنى كۆتۈرۈپ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئولىشىۋالغان نۇرغۇن ئامما مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى. ج خ چىڭجياڭپۇ شۆبە ئىدارىسى چىڭجياڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى جوۋ جياجۈن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن چارلاشقا چىقىپ بۇ ئىككى ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ، ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلدى.

  ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن خەلق ساقچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئەنخۇيلۇق ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىدە ئىككى بىمار بارلىقىنى، دادىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىپ 200 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىگەنلىكىنى، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئامالسىزلىقتىن كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى، خەلق ساقچىسى جوۋ جياجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بالا ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، دەرھال ئەھۋال ئىگىلەپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم.» ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇ دەرھال ئەنخۇيدىكى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ 40 ياشقا كىرگەنلىكى، ھەقىقەتەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى، بىراق ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋابقا ئېرىشتى.

  ئارقىدىن، جوۋ جياجۈن شۇ جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىر قەدەر چوڭ بىنا ئۆيى، يەنە بىر پىكاپى بارلىقىنى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ شۇ جايدا خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىكىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئىزچىل خىزمەت قىلمىغانلىقىنى، بىراق، ئۇلارنىڭ دادىسى ھەقىقەتەن ئاغرىپ قېلىپ، 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل خەجلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  ساقچىلارنىڭ ئەھۋالنى ئېنىقلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئارقىدىن، چىڭجياڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگە تەنقىد-تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىپ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دەۋەت قىلدى ھەم ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا، سالامەتلىكى ياخشى بولغاندىكىن، خىزمەت تېپىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ