مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى

2021.05.17 19:30 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنقىلابىي مۇزېي، خاتىرە ساراي، پارتىيە تارىخى سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىزىل گېن ئامبىرى. قىزىل بايلىقنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشتىكى جانلىق دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، ئىنقىلاب قىلىش ھېكايىسى، تايانچ بازىنىڭ ھېكايىسى، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مېنىڭ ھەر قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە مەيدان - سورۇنلىرىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشۈم، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئەجدادلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەربىر سۇڭ زېمىن بىر تامچە قان، ھەربىر ئوچۇم مۇنبەت تۇپراق بىر روھ. يېڭى جۇڭگو سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، بىز ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز، ئۇلارنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز، ئۇلارنىڭ قىزىل گېنىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز. ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. پەقەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، تارىخنى خاتىرجەم قىلغىلى، ئەجدادلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ، ئەلرايىنى مايىل قىلغىلى، دەۋرنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە ياراتقىلى، توختىماي ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، داۋلىنى بىلىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق داۋلىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخ لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. قىزىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ