مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان تېببىي خادىملارنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.05.14 20:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «تېببىي خادىملارنى قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە تېببىي خادىملارنى قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۈرلۈك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تېببىي خادىملارنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى خىزمەت ۋە دەم ئېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش، ئالاقىدار ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىش، دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىدە، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش لازىم. تېببىي خادىملارنىڭ مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا، بەلگىلىمە بويىچە مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تېببىي خادىملارغا قارىتا پىسخىكىلىق ئارىلىشىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم. تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، خەتەرلىك دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۇلارغا مائاشلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، تەمىنات، ئۇنۋان سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. «ئىككىگە رۇخسەت قىلىش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە جانلىق تەڭشەپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى مەزگىلىدىكى ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تېببىي خادىملارنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىدىكى رېئال ئىپادىسىنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش يېشىل يولى ئېچىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش لازىم. «پىكىر»دە، تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان تېببىي خادىملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش تەكىتلەندى. جايلارنىڭ جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى، خەلقئارا سېسترالار بايرىمى قاتارلىق بايرام مەزگىلىدە، تېببىي خادىملارنى ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت ئېتىبار سىياسىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

  بەشىنچى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش بىخەتەر مۇھىتى يارىتىش لازىم. تۈرلۈك بىخەتەرلىك-قوغداش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئامان-ئېسەن دوختۇرخانا» قۇرۇش پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تايىنىپ، كۆپ تارماق ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، داۋالاشقا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  ئالتىنچى، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم. تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ روھىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى قېزىپ، مۇكاپاتلاش ۋە تەقدىرلەشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاش، تەقدىرلەش، نەپىقە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ