مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن 2021- يىللىق پىروگراممىسى پات ئارىدا نەشر قىلىنىدۇ

2021.05.14 13:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- چېسلا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزىتىش كىرگۈزگەن «قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن 2021- يىللىق پىروگراممىسى» يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن 2021- يىللىق پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنى ھەم مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان پىروگراممىسىدا، شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن كەسپىي مەيدانى، ئېتىكا ۋە ماھارەتنى تەكشۈرۈش داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، ئىمتىھان ئېلىپ تاللاشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە ئاڭلىق كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشقا سادىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا يېتەكلەندى.

  ئاساسىي رامكا ۋە تۈزۈش شەكلىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئاساسىدا، ئىمتىھان پىروگراممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى ۋە قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى ھەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار كەسپىي پەنلەرنى تەكشۈرۈشكە دائىر بىلىم نۇقتىلىرى، پىروگرامما قوشۇمچىسىغا دائىر قانۇن-نىزاملار قوشۇلدى ۋە چىقىرىۋېتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ