مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەينەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭ 100 مىليون يۈەنگە يېقىن پارا ئالغان، دەپ ئەيىپلەندى

2021.05.14 12:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021- يىلى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خەينەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

  گۇيلىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: 2000- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە، جاۋابكار ۋاڭ يۇڭ خەينەن ئۆلكىسى چېڭمەي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەينەن ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تۈرنى تەستىقلاش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ جەمئىي 90 مىليون 472 مىڭ 259 يۈەن مال - مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ۋاڭ يۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەلىل - ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ۋاڭ يۇڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 50 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ