مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تەرەپ ئىپادە بىلدۈردى!

2021.05.14 11:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى جەي جۈن: جۇڭگو يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىم ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي كېڭىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2021- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى جەي جۈن تەكلىپكە بىنائەن كوللېكتىپ ھالدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ئەرەب ئەللىرى يېقىندا پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ماقۇللىغان ئالاقىدار قارارلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە ئىسرائىلىيە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، پەلەستىن تەرەپنىڭ ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشى ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيدانىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تەسىر كۆرسىتىشكە بېسىم ئىشلىتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جەي جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ يېقىنقى مەزگىلدىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ، پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئايدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىم ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي كېڭىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»گە بەرگەن ۋەدىسى ۋە مەيدانىنى قايتا تەكىتلەشكە مۇراجىئەت قىلدى ھەم خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىسىنىڭ ئاخبارات سۆھبىتى لايىھەسىنى تەييارلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي يېرۇسالېم ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشىغا داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا ئوتتۇرا شەرق بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇتەشەببۇس ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى بالدۇرراق قۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ