دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى ئاپپارات رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى!

2021.05.14 11:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 10 دا، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى جىچۈن يولى 14- نومۇر، دۆلەت كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسى رەسمىي ۋىۋىسكا ئاستى. بۇ، دۆلەت كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ نوقۇل ھالدا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن پۈتۈن ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى ئاپپارات يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى تۈزۈش قاتارلىق بەش چوڭ فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ