مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئېتىراپ قىلدى، جۇڭگو تەرەپ ئىپادە بىلدۈردى

2021.05.12 12:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بىز ئامېرىكىنىڭ دېگىنىنى قىلىشىنى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا گۇرۇھ سىياسىيلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە گۇرۇھۋازلىق قىلىشقا بېرىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  2021- يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قىسمەن مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

  مۇخبىر: بىز خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «كۆپ تەرەپچىللىك بولۇش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلىشنى قوغدايدىغان خەلقئارا سىستېما»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلدۇق: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكىن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەرىكىتىنىڭ قائىدىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارغا پائال قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: بۇ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش قىلماسلىق كېرەك؛ ئادىل، ھەققانىي بولۇش، زومىگەرلىك قىلماسلىق كېرەك؛ دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش، قۇرۇق گەپ ساتماسلىق كېرەك؛ كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزىنى قالتىس چاغلىماسلىق كېرەك. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ئۇيغۇن.

  ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا خەلقئارادا «ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نىلا تۇتۇپ، كېلىشىمنى بۇزۇپ، كېلىشىملەردىن توپتىن چېكىنىپ چىقىپ، كۆپ تەرەپچىللىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى ئاجىزلاشتۇردى. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بۇ قېتىمقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بەزى ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  ئامېرىكا يېقىندا كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ۋە كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمگە قايتىپ، كۆپ تەرەپلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. لېكىن، بىز ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىلا كۆپ تەرەپچىلىك نامى بىلەن زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز ئامېرىكىنىڭ دېگىنىنى قىلىشىنى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشىنى، گۇرۇھ سىياسىيلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە گۇرۇھۋازلىق قىلىشقا بېرىلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى توغرىسىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ