ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنى خاتىرە سارىيى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

2021.05.11 19:53 مەنبە: خەلق تورى

  سول تەرەپتىكى سۈرەتتە: ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنىنىڭ كونا رەسىمى؛

  ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنى خاتىرە سارىيى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى شىنجا يولى 613-كوچا 12-نومۇرلۇق تاش ئىشىكلىك ئىمارەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنى خاتىرە سارىيى سۈپىتىدە سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. خاتىرە ساراي كۆرگەزمىسى «بوران-چاپقۇنلۇق سەپەر، ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ئابىدە» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، سۈرەت، يېزىق، ئەمەلىي بۇيۇم، ئۈن-سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1933-يىلى 1-ئايدا شاڭخەيدىن ئايرىلىپ سوۋېت رايونىغا يۆتكەلگىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ