مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى («14-بەش يىل»دا بىز قەدەمنى مۇنداق ئالدۇق)

2021.05.11 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، تەيخۇ كۆلىدىكى كۆك يۈسۈننى چارلاپ تەكشۈرۈش نورمال ھالەتكە كىردى، مەشغۇلات كېمىسىنىڭ شوپۇرى لى فېڭلېي تولۇق ئاپتوماتىك كۆك يۈسۈن تۇتۇش ئەسۋابى كۇنۇپكىسىنى باستى، سۈمۈرۈش بېشىنىڭ دىيامېتىرى 25 سانتىمېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك بىر تۇتۇش ئەسۋابى ئاپتوماتىك سۇغا چۈشۈرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ماي پاراخوتى سۇغا چۈشكەندە، سۇ ئۈستىدە ماي ئىزى قېلىپ، قىرغاقتا ماي پۇرىقى قالاتتى؛ ھازىر ئېلېكتىرىك مەشغۇلات كېمىسىنىڭ ئات كۈچى زور، سۈرئىتى تېز بولسىمۇ، ھېچقانداق بۇلغىنىش قالمايدۇ.»

  بۇ يىل 3-ئايدا، تەيخۇ كۆلى ۋادىسىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرىك مەشغۇلات كېمىسى بولغان «تەيخۇ كۆلى ئېلېكتىرىك 001-نومۇر» جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىدە سۇغا چۈشۈرۈلدى، ئۇنىڭ لىتىي باتارىيەسى بەش ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىلنىڭ توك مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، تەيخۇ كۆلى ۋادىسىدىكى 1100 مەشغۇلات كېمىسىنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرلەشكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 75 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلىدىكەن، بۇ، 27 مىڭدىن ئارتۇق شەخسىي ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى نېيتىراللاشتۇرغانغا باراۋەر كېلىدىكەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئېنېرگىيە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئېنېرگىيە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى، تەمىنلەش، تېخنىكا، تۈزۈلمە ئىنقىلابىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ يىل 1-ئايدا، «خۇالۇڭ 1-نومۇرلۇق» يەر شارى بويىچە تۇنجى رېئاكتور − فۇجيەن فۇچىڭ يادرو ئېلېكتىر 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي سودا خاراكتېرلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ 2-ئايدا، بوخەي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە جايلاشقان بوجۇڭ 2−13 نېفىتلىك-گازلىقىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان گىيولوگىيەلىك زاپاس مىقدارى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئۈستى نېفىت-گاز بايلىقى زاپىسى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى... «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى خۇش خەۋەر ئۈزۈلمىدى، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى.

  «شامال- يورۇقلۇق» قۇرۇلۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى

  توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش تېخىمۇ راۋانلاشتى

  3-ئاينىڭ 26-كۈنى، يالۇڭجياڭ، موپەنشەن، جيۇداۋگۇەي قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئېغىرلىقى 350 توننا كېلىدىغان توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يەنيۈەن ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ مۇھىم ئۈسكۈنە ياجۇڭدىن جياڭشىغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىسى.

  ئېلىمىزنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئېھتىياجىنىڭ تەتۈر تارقىلىشى ئىستېمال ۋە پايدىلىنىشقا خىرىس ئېلىپ كەلدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشى − ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى يەتتە قېتىم ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈشنى پىلانلاپ، توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى 56 مىليون كىلوۋات ئاشۇرىدۇ. «2025-يىلىغا بارغاندا، شىركەت تىجارەت رايونىنىڭ ئۆلكە، رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 300 مىليون كىلوۋاتقا، پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش نىسبىتى %50كە يېتىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شىن باۋئەن. جەنۇب ئېلېكتىر تورىمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش، شىمالنىڭ توكىنى جەنۇبقا يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا ھالقىپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش يولى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش سۇپىسى بەرپا قىلىمىز.

  كۈچلۈك مېتال سوقۇلۇش ئاۋازى خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ھاۋا بوشلۇقىدا ياڭرايتتى، ئۇزۇنلۇقى 85 مېتىر، ئېغىرلىقى 1100 توننا كېلىدىغان دېڭىز ئۈستى شامالدۇرغۇچىنىڭ يەككە قوزۇقلۇق ئۇلى دېڭىز ئاستىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورنىتىلدى. بۇ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى لوڭيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جياڭسۇ دافېڭ دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى ئىدى. لۇڭيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جياڭسۇ دېڭىز ئۈستى شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ياڭ گۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە، بۇ يىل 94 دانە چوڭ تىپتىكى دېڭىز ئۈستى شامالدۇرغۇچى ئورنىتىلىدۇ، قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شىركەت جياڭسۇدا ھەر يىلى 5 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل شامال ئېلېكتىرىنى يەتكۈزۈپ، تەخمىنەن 1 مىليون 350 مىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە تېز تەرەققىي قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر تېز ئاشتى. 2019-يىلىدىكى مۇناسىپ ئوخشاش مەزگىلدىكى ساننى تۈپ سان قىلغاندا، بۇ يىل 1-پەسىلدە شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، يادرو ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.6، %12.5، %9.6 ئاشتى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، توك مەنبەسىگە 79 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.3 ئاشتى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %39.9 ئاشتى، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مەبلىغىنىڭ توك مەنبەسى مەبلىغىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %91كە يەتتى.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش بۇلغىما ئازايتىشقا كۈچ قوشتى

  ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش غەيرىتى ئاشتى

  «ئالدى زال، ئارقا ئاشخانىلاردا كۆمۈر، تەبىئىي گاز ئىشلىتىلمەيدۇ، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاققا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بۇس ئازىيىپ، تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، تەننەرخنىڭ يېرىمى تېجىلىدۇ.» سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدىكى شۇشىنيۈەن ۋۇخاڭ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ مەسئۇلى لەي يۇڭ «توك ئۆزگەرتىش»تىن ناھايىتى رازى بولغانىدى. ھازىرغا قەدەر، چېڭدۇ شەھىرىدىكى «توك ساماۋەر شورپىخانىسى» 10 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق سەپلىمە توك مىقدارى 837 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن، بۇ، 710 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا باراۋەر بولۇپ، شۇ جاينىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئېنېرگىيە ئىستېمال ئۇسۇلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش»، «سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەر ۋە ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا ئېنېرگىيە تېجەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گۇاڭدۇڭ «ئېنېرگىيە ئىشلىتىش خامچوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى يېڭى تۈر تۇرغۇزۇشنى قاتتىق تىزگىنلەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ خەينەن «پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 25 مىڭنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دۇنيا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سىناق مەركىزى قۇرۇشنى يولغا قويۇش»، «قۇراشتۇرۇش شەكلىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ كۆلىمىنى 17 مىليون كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شەنشى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇتۇش قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى... جايلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، نۇقتىلىق تارماقلار ۋە ساھەلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا كۈچ قوشتى.

  پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا يېڭى تەدبىر بار

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

  «كاربون ئۈنۈم كودىنى تەكشۈرسەك، كاربون سەرپىياتىمىز ساھە ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، شۇڭا بۇ قېتىم ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا بەل باغلىدۇق!» دېدى چاڭشىڭ شۈرىفېنتى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ دېفاڭ، ئۇ ئېيتقان «كاربون ئۈنۈم كودى»، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى يېڭىلىق يارىتىپ چىقارغان «ئېنېرگىيە كاربون ئۈنۈم كودى» بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدىكى توك، گاز، كۆمۈر، ماي قاتارلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

  ئېنىرگىيە ئىشلىتىشنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ۋاڭ دېفاڭغا ئۆزگەرتىش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. «‹كاربون ئارقىلىق قەرز پۇل بېرىش› سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، ئالتە ئۈسكۈنە ئالماشتۇرۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليون يۈەن ئېشىپلا قالماي، ئېنېرگىيە سەرپىياتىمۇ ساھەلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە چۈشتى.»

  پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى يۆنىلىش قىلغان بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى زەنجىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئىتېراتسىيەسى تېزلەشتى ھەم ئالماشتۇرۇش ئۈنۈم رېكورتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى، دۆلەت ئىچىدىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ %90تىن كۆپرەكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى؛ تاشقاتما ئېنېرگىيەسىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، چوڭقۇر قاتلام، چوڭقۇر سۇ ۋە مۇرەككەپ نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش تېخنىكىسى، كۆمۈركاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش چىڭ تۇتۇلدى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىلغار ئېلېكتىر تورى تېز بەرپا قىلىندى، ئەۋرىشىم تۇراقلىق توك، كۆپ ئۇچلۇق تۇراقلىق توك قاتارلىق ئىلغار ئېلېكتىر تورى تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىلدى...

  «بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ‹14-بەش يىل› مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ