مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بولغانلىقى ئۈچۈن، مىسىر بىرىنچى بولدى!

2021.05.11 12:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 9- ماي، مىسىر سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خارلېي شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىسىرنىڭ جۇڭگو كېشىڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ مىسىردا ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  خارلېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىسىردا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىنى ئالدى بىلەن ئۆز يېرىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، قالغان قىسمىنى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خارلېي يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ئامىلىغا ئىگە، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى يۆتكەپ مىسىرنى ئافرىقا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

  خارلېي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىرنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇنىڭ بىلەن مىسىر ئافرىقىدىكى تۇنجى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ