مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى سۈي تيەنكەي ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلىرى پاكىت ئالدىدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، دېدى

2021.05.10 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي تەبرىك سۆزىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»تەك رەزىل نىيىتىنى پاش قىلىپ، سىرتقى ساھەدىكىلەرنى ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  سۈي تيەنكەي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ماھىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. جۇڭگو تەرەپ تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى پارچىلاشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا تېخىمۇ يول قويمايدۇ. جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليون ھەر مىللەت خەلقى بۇنداق سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا مەڭگۈ يول قويمايدۇ.

  سۈي تيەنكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئىراق، لىۋىيە، سۇرىيە قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا پەيدا قىلغان يالغانچىلىقى تىراگېدىيە ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. سۈي تيەنكەي كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىش، ئوبيېكتىپ ئىدراكلىق، بولۇپمۇ باشقا رايون ۋە دۆلەتتىكى ئالىملار ۋە تاراتقۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، راست-يالغاننى پەرقلەندۈرۈش، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ