مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى يىل ئاخىرىدا يەتتە ئايغا قىسقارتىلىدۇ

2021.05.10 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز پاتېنت تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتىنى سىجىل قىسقارتقان، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتىنى 13.8 ئايغا قىسقارتىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتىنى يەتتە ئايغا قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پېيجاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىرقى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكىنىڭ ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى ئۆلچەم قىلىدۇ، نۆۋەتتە تاۋار ماركىسىنى ئوتتۇرىچە تۆت ئايلىق تەكشۈرۈش دەۋرىدىن باشقا، يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ ئايلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ئېلان مەزگىلى، شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، قەغەز ماتېرىياللارنى پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت ۋاقتى بار.» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىدىغان «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىش نىشان-ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دەۋرىيلىكىنى سەككىز ئايدىن يەتتە ئايغا قىسقارتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان قىسمەن داۋاملاشما كەسىپلەرنى بېجىرىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەكشۈرۈش، باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش، رەت قىلىشنى قايتا تەكشۈرۈش، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش دەۋرىيلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.5 ئاي، 12 ئاي، 5.5 ئاي، توققۇز ئايغا قىسقارتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماستىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىشنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكىنى يەنە 1/5 گە قىسقارتىش، پاتېنت ھوقۇقى بېرىش ئېلانىنىڭ ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىكىنى ئۈچ ھەپتە ئەتراپىغا قىسقارتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ