مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توي زىياپىتىنى «تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش زىياپىتى»گە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

2021.05.10 19:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ توي زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتورنىڭ بايقىشىچە، بەزى توي زىياپىتىدە قورۇما بەك كۆپ، قورۇما چىقىرىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، نۇرغۇن قورۇمىلار يەپ تۈگىتىلمىگەن، «تەخسە بىكارلاش» نىشانى ئەمەلگە ئاشمىغان.

  قۇتلۇق بولۇش ئۈچۈن، بەزى توي زىياپىتىدە بىر ئۈستەلگە ئون نەچچە خىل، ھەتتا 20 نەچچە خىل قورۇما چىقىرىلىدۇ. توي زىياپىتى بولغاچقا، نۇرغۇن مېھمانلار ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئېلىپ كېتىشكە خىجىل بولىدۇ ياكى نۇرغۇن ئادەم يەپ ئېشىپ قالغان تاماق، دەپ، ئوراپ قاچىلاشنى خالىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. يېزىلاردىمۇ توي-تۆكۈن تاماقلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىلىپ، قورۇما سانى كۆپەيدى، بىر ئۈستەلگە ئون نەچچە خىل قورۇما چىقىرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى.

  توي زىياپىتى مۇئەييەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ساھىبخاننىڭ سېخىيلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. توي مۇراسىمىدا «تەخسە بىكارلاش» بەلكىم ساھىبخاننىڭ «پىخسىقلىقى» دەپ قارىلىشى، مېھمانلار سۆز-چۆچەك قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە ناھايىتى تېجەشلىك كىشىلەرمۇ توي زىياپىتى ئۆتكۈزگەندە «بىر قېتىم ئىسراپ قىلىش» خىيالىدا بولۇپ، زاكاز قىلغاندا «كۆپ بولۇپ كەتسە مەيلى، ئاز بولۇپ قالمىسۇن» دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «كاتتا زىياپەت» «تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش زىياپىتى»گە ئايلىنىدۇ.

  ھەر بىر قاچا تاماقنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس. «تەخسە بىكارلاش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، توي زىياپىتىمۇ مۇستەسنا ئەمەس. بىر تەرەپتىن، تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، ئاشلىق تېجەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇشقا، توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈشتىكى كونا قاراش، كونا ئۇسۇلنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، دەل جايىدا تاماق بۇيرۇتۇپ، ئىسراپ قىلماسلىققا يېتەكلەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تەخسە بىكارلاش ھەرىكىتى»نى توي زىياپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ