مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېركىل: جۇڭگونى ئايرىپ قويساق ياكى جۇڭگو بىلەن قارشىلاشساق، بىز ئىشلارنى ھەل قىلالمايمىز

2021.05.08 12:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مېركىل: ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە پايدىلىق.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 5- چېسلا مۇنداق دېدى: ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاش جەريانىدا، بىز گەرچە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ بىر مۇھىم ۋەدە، چۈنكى ياۋروپا-جۇڭگو ئىككى تەرەپ بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

  گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيەسى فېدېراتسىيە پارلامېنتى پارتىيە ئۆمىكى شۇ كۈنى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار سىن يىغىنى ئاچتى، مېركىل يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولسا، بىزگە بازار ئىجازىتى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تەمىناتى بېرىدۇ، كېلىشىمدىكى بەزى ماددىلار ياۋروپا-جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سودىسىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مېركىل مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى گېرمانىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەيلى كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ياكى باشقا خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسۇن، جۇڭگونىئايرىپ قويساق ياكى جۇڭگو بىلەن قارشىلاشساق، بىز ئىشلارنى ھەل قىلالمايمىز. جۇڭگو ۋەدە قىلغان كىلىماتنى قوغداش نىشانى، جۈملىدىن 2030- يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە 2060- يىلىدىن بۇرۇن كاربوننىڭ نېيتراللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆپ تەرەپچىللىككە ئىلھام بېرىدىغان ئىجابىي سىگنال.

  2020- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى. 2020- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە ۋە مېركىلبۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ۋاھالەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋىسكىس مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو بىر-بىرىنى جازالىغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يامانلاشقانلىقتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ۋاقتىنچە توختىتىلدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ