قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى

2021.04.29 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 28-ئاپرېل، خېبېي ئۆلكىسى ۋۇئەن شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى بالىلار باغچىسىدا، بالىلارغا قاتناش بىخەتەرلىك بەلگىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش ھارپىسىدا، خېبېي ئۆلكىسى ۋۇئەن شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىدا قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش، كۆرگەزمە تاختىسىدا كۆرگەزمە قىلىش، ئوقۇشلۇق تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بالىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا كۈچ قوشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مو يۈ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ