100 قىسىملىق ھۆججەتلىك كىنونى 100 كارخانىغا كىرگۈزۈش «پارتىيە تارىخى دەرسخانىسى» پائالىيىتى بېيجىڭدا باشلاندى

2021.04.27 20:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 26-ئاپرېل، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھۆججەتلىك كىنو كۆرمەكتە.

  شۇ كۈنى، مەركەز شىنيىڭ گۇرۇھى، جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى، جۇڭگو كارخانا مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 100 ھۆججەتلىك كىنونى 100 كارخانىغا كىرگۈزۈش «پارتىيە تارىخى دەرسخانىسى» پائالىيىتى جۇڭگو قۇرۇلۇش 3-ئىدارىسى بېيجىڭ شىركىتى ئۈستىگە ئالغان تۈر قۇرۇلۇش ئورنىدا باشلاندى. مەركەز شىنيىڭ گۇرۇھى 100 ھۆججەتلىك فىلىمنى تاللاپ 100 كارخانىغا كىرگۈزۈپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارىخىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭكۇەي فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ