مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بارلىق ئاتا ئانىلار دىققەت! تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقى كەلدى

2021.04.26 19:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ!

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر سائەتتىن تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

  «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) دا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ سىرتىدا بىر سائەتتىن (جەمئىي ئىككى سائەت) تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى، تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقى تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى «ئۆگىتىش، تىرىشىپ مەشىق قىلدۇرۇش، دائىم مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ساغلاملىق بىلىملىرى + ئاساسىي ھەرىكەت ماھارىتى + مەخسۇس ھەرىكەت ماھارىتى»تىن ئىبارەت مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن ئىككىگىچە تەنھەرىكەت ماھارىتىنى ئۆگىتىش كېرەك. بارلىق خادىملار قاتنىشىش ئاساسىدا، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش مۇسابىقە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتۇش تەلىپىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ