مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا- ئانىلاردىن بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىندى! مائارىپ مىنىستىرلىقى "يۈكنى يېنىكلىتىش"كە ئائىت 10 تۈرلۈك بۇيرۇق چىقىرىپ ئېلان قىلدى

2021.04.26 12:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. 4- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشتا 10 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.تەدبىردە، تاپشۇرۇقنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلاردىن تاپشۇرۇقنى ئۆزى تەستىقلاپ، ئۆزى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئاتا-ئانىلارغا بالىلار ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تاپشۇرۇق بېرىش، ئاتا- ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تاپشۇرۇق مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يازما تاپشۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەمدە ئوخشاش بولمىغان باسقۇچ ۋە يىللىققا قارىتا كونكرېت ۋاقىت تەلىپى چىقىرىش كېرەك. مەكتەپلەر يەنە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- ، 2- يىللىقلىرىدا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، مەكتەپ ئىچىدە مۇۋاپىق مۇستەھكەملەش مەشىقى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشقا يىللىقلىرىدا ھەر كۈنى يازما تاپشۇرۇقنى تاماملاش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر كۈنى يازما تاپشۇرۇقنى تاماملاش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھەپتە ئاخىرى، قىشلىق، يازلىق تەتىل، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ يازما تاپشۇرۇق ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ