تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ماركىسى سۈپىتىدىكى 361گىرادۇس بىلەن دۆلەت پاختا كەسپى ئىتتىپاقى كېلىشىم ئىمزالىشىپ، دۆلەت پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى

2021.04.25 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، 4- ئاينىڭ 24- كۈنى تارتىلغان كېلىشىم ئىمزالاش نەق مەيدانى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ماركىسى 361 گىرادۇس بىلەن دۆلەت پاختا كەسپى ئىتتىپاقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "دۆلەت پاختا ئىتتىپاقى" دەپ ئاتىلىدۇ) ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئۇزاق مۇددەت بىرلىشىپ ئىمزا قويۇشۇپ ھەمكارلاشتى، 361گىرادۇس كېلىشىم بويىچە دۆلەت پاختا ئىتتىپاقى ماركىسىدىكى خام پاختا، يىپ، رەخت قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا-ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ، دۆلەت پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ