مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2021.04.23 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ ئاساس قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مىزان. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلىي سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلىشى، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ