مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇغۇچىلاردىن 5800 يۈەنگە تاختا كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ بىر تەرەپ قىلىندى

2021.04.22 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بېڭبۇ شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋۇخې ناھىيەلىك يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن 5800 يۈەنگە تاختا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەھۋالنىڭ راستلىقى ئېنىقلىنىپ، مەكتەپ مۇدىرى لى لياڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش جازاسى بېرىش، مەكتەپ مۇدىرىيىتىنى لى لياڭنى مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن سۈرۈك ئىچىدە بوشىتىشقا بۇيرۇش قارار قىلىندى. يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلاردىن تاختا كومپيۇتېر ھەققى ئېلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلدى، يىغىلغان بارلىق ھەقلەر قايتۇرۇلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېڭبۇ شەھىرىدىكى ۋاڭ ئەپەندى گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئارقىلىق، ۋۇخې ناھىيەلىك يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن 5800 يۈەنگە تاختا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشتە ئىشلىتىلىدۇ، دېگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشخانىسى يوللىغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەھۋالنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېڭبۇ شەھىرى ۋۇخې ناھىيەلىك يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ مەكتەپنىڭ 7-يىللىقىدىكى بىر قىسىم سىنىپلاردا تاختا كومپيۇتېر سېتىشىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوشۇلغان. تاختا كومپيۇتېرنىڭ ھەر بىرى 2200 يۈەن، سۇپىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى يىلىغا 1200 يۈەن بولۇپ، ئۈچ يىلدا چوقۇم 3600 يۈەن تاپشۇرۇش كېرەك بولغان، يۇمشاق، قاتتىق دېتاللارنى قوشقاندا جەمئىي 5800 يۈەن تاپشۇرۇش كېرەك بولغان.

  بۇ ھەقلەر يىلغا بۆلۈپ تۆلەش ئۇسۇلىدا ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلغان: 1-يىلى 2800 يۈەن، 2-يىلى ۋە 3-يىلى 1500 يۈەندىن تاپشۇرۇش كېرەك بولغان. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلار يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 7-يىللىقىدىكى تۆت سىنىپتىكى 234 ئوقۇغۇچىغا تاختا كومپيۇتېرنى تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 142 ئوقۇغۇچى ھەق تاپشۇرغان (ھەر بىر ئوقۇغۇچى 2800 يۈەن تاپشۇرغان بولۇپ، جەمئىي 397 مىڭ 600 يۈەن ھەق تاپشۇرغان)، 92 ئوقۇغۇچى ۋاقتىنچە ھەق تاپشۇرمىغان. ۋۇخې ناھىيەلىك ھۆكۈمەت «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، يۈيىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلاردىن تاختا كومپيۇتېر ھەققى ئېلىشنى دەرھال توختىتىشقا، يىغىلغان ھەقنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش مەسىلىسى ۋۇخې ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەندى، مەكتەپ ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ 2021-يىللىق مائارىپ سىستېمىسى بويىچە مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ئىلغارلارنى باھالاشتىكى نامزاتلىق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەم بىر ئايلىق «ناھىيە بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەش ئېيى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. بېڭبۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش-باھالاش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قالايمىقان ھەق ئېلىشىنى تۈزىتىشىگە مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 1600 مەكتەپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ