مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2021.04.22 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سىنلىق سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، سىن ئارقىلىق ئىككى جايدىكى تۇغقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پۇ شۆمېي يىغىنغا قاتناشقان خادىملارغا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم، ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىگەن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى.

  جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كونسۇل، چياۋمىن ئىشلىرى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇلارنى تەمىنلىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەتچىلىكى ۋە «ساغلاملىق سومكىسى» قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. چياۋمىنلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بەس-بەستە چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى.

  بىشكەك دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئەرەپات ئابلەت دادىسى ئابلەت قادىر بىلەن سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى، يېقىنلا يەردە كۆنچى دەرياسى بارلىقىنى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەرەپات ئابلەت: «مەن بالدۇرراق دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى.

  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپوف، بىشكەك دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شى شۇچىن قاتارلىق قىرغىزىستاندىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى مۇنداق دېدى: سۆھبەت يىغىنى بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، شىنجاڭ چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇشۇنداق ئالاقە پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

  پۇ شۆمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك ۋەتەن چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، شىنجاڭ چەت ئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى داۋاملىق ياخشى مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە يۇرتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك رىشتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي چۈشىنىش، شىنجاڭنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سىنلىق سۆھبەت يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سىنلىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ