خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 21-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر تورداشنىڭ 11-ئاپرېل سورىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى مەسلىھەتىگە جاۋاب بەردى.
سوئال: يېقىندا مەن تېڭشۈن تورى، ھەرقايسى چوڭ تور كۆرگۈچ قاتارلىق نوپۇزلۇق تور سۇپىلىرىنىڭ 2021-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش مۇددىتى رەسمىي بەش يىلغا قىسقارتىلىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تۆت يىلغا ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەسلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلىنىش يىللىقىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، دېگەن ئۇچۇرنى پات-پات ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ راستمۇ؟
جاۋاب: بۇ ئۇچۇر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مائارىپ مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ