سۈرەتتە: «قانالنىڭ 1935-يىلى» ناملىق دىراما قويۇلغان نەق مەيدان «4-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى نوپۇزلۇق ئىجادىيەتچىلەر بىرلىكتە ئىجاد قىلغان چوڭ قانال تېمىسىدىكى «قانالنىڭ 1935-يىلى» ناملىق دىراما 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋە 18-كۈنى تيەنجىن بىنخۇ تىياتىرخانىسىدا ئۇدا ئىككى مەيدان قويۇلۇپ، بۇ دىرامىنىڭ 2021-يىللىق مەملىكەتلىك سەييارە ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۈيۈك قانال تېمىسىدىكى بۇ دىرامىدا دىققەت 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى تۇڭجوۋغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۇڭجوۋ قانىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلگەن، شىمالىي جۇڭگو خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغان ئالاھىدە پەيتتە، ئاددىي-ساددا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ