مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ۋېنبىن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا دۇنيا خەلقىگە قەرزدار، دېدى

2021.04.20 21:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدىكى جۇڭگوغا چېتىشلىق مەزمۇنلارغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 19-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ياپونىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە قەرزدار. ياپونىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، لېكىن ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچىدە ھازىرغىچە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئىنكار قىلىدىغان، گۈزەللەشتۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇشخۇمارلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى، 2001-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا سىرتقا قارىتا قوزغىغان ئۇرۇشتا 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك خاتا قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئۇنى تۈزىتىشتۇر. «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا جۇڭگو خەلقى قوشۇلمايدۇ، دۇنيا خەلقىمۇ قوشۇلمايدۇ.» ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە دەل ياپونىيە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر دىققىتىگە توغرا قاراپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن دېڭىز-ئوكيانغا يادرو بۇلغىما سۈيىنى قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىش قارارى چىقىرىپ، باشقىلارغا زىيان سالىدىغان، ئۆزىگە پايدىسى تەگمەيدىغان قىلمىشلارنى توختىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ