جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى

2021.04.20 21:29 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن يېخۇا فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19-ئاپرېل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەنزۇ تىلى دىيالېكتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىل بايلىقىنى ئىلمىي قوغداپ، تىل بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 19-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلغان، يىغىندا تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، 20 ئورۇن ۋە 100 يولداشقا «جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش مۇكاپاتى» بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخس دەپ نام بېرىلگەن.

  2019-يىلى، بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان تىل قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، 123 خىل تىل ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك شېۋىلەرنىڭ ئىپتىدائىي تىل ماتېرىيالىدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈن-سىن سانلىق مەلۇماتى 5 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى TB100 غا يەتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىل قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش لازىم؛ تەشكىلىي سەپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك؛ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەسىرنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تىل قوغداش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتى 350 تىن ئارتۇق بولۇپ، 4500 دىن ئارتۇق كەسپىي تېخنىكا خادىمى، 9000 دىن ئارتۇق تىل دىيالېكت تەلەپپۇزچىسى قاتناشقان، 57 قارار كۇرس ئېچىلىپ، 4700 دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) تەربىيەلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تىل كاپالىتى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى يېتىشتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ