مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئۇياقتىن تېرىپلا بۇياقتىن ھوسۇل ئېلىش» شەكلىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولدى بەس

2021.04.20 21:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر يېقىندا ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئاساسىي قاتلامغا دۆڭگەپ قويۇش بېسىمىنىڭ ئازىيىشىنى، مەسئۇلىيەتنى خالىغانچە، قوپال ھالدا سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئازراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ھوقۇق بولغان ئىكەن چوقۇم مەسئۇلىيەت بولىدۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھوقۇقنى چەكلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. بىراق، ھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەزى جايلاردا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سانى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىنغان بولۇپ، سان توشقۇزۇش شەكلىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ بەزى جايلار ۋاقىتلىقلاشقان، تۈر تۈزۈمىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تۆۋەن دەرىجىلىكلەرگە زورمۇزور يۈكلەپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارتۇقچە خىزمىتىگە جاۋابكارلىق خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن؛ بەزى جايلار يەنە ۋاقىت ھېسابلاش شەكلىدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىماي، «ئۇياقتىن تېرىپلا بۇياقتىن ھوسۇل ئېلىش»نى تەلەپ قىلغان... بۇلارنىڭ ھەممىسىدە، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگۈچىلەر قاتتىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم ئەكسىچە بولغان؛ ئۆلچەم كەمچىل بولغان، زىيادە خالىغانچە بولغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش − ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە قىزغىنلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ نىشاندىن چەتنەپ كېتىشى بەزى كادىرلارنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇمۇ ناچارلارنىڭ ياخشىلارنى قوغلاپ چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاسانلا پايدىغا يۈزلىنىپ زىياندىن قېچىش، يالغاندىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەزمۇنغا سەل قاراش قاتارلىق كەيپىياتلار ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەقسەت ئەمەس، بەلكى ۋاسىتە، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى چوقۇم دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى ۋە تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئاساسقا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ قايىل قىلىشى، خالىغانچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتىدىمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇۋال قىلماسلىق، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك، جازا جاۋابكارلىققا ماس كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە ۋارقىراپ-جارقىراشقا، خۇپسەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ، قارىغۇلارچە كوكۇلىسىغا ئېسىلىۋېلىشقا، قالايمىقان پالاق ئۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈرۈشتۈرگەندىلا، ئاندىن بىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ