مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

غالىبىيەت نېفىتلىكى

پەن-تېخنىكا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

60 يىلدا 81 نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق بايقالدى، 5 مىليارد 587 مىليون توننا نېفىت گېئولوگىيەلىك زاپىسى بارلىقى ئېنىقلاندى

2021.04.20 21:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل غالىبىيەت نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان غالىبىيەت نېفىتلىكى ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليارد 250 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى قۇرۇقلۇق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلىدى، نۆۋەتتە يىللىق مۇقىم مەھسۇلات مىقدارى 23 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

  غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ شەرق-غەرب ئىككى چوڭ چارلاش رايونى بار. شەرقىي قىسىمدىكى كونا رايون 36 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەر ئاستىدا بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن نېفىت زاپىسىنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر تارقاق، چارلاپ تەكشۈرۈش-ئېچىش قىيىنلىقىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان چارلاپ تەكشۈرۈش-ئېچىش شارائىتىدا قانداق قىلىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؟

  جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى، غالىبىيەت نېفىتلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۇڭ فەنچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇھىمى يەنىلا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەك، جەزمەن نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈشتە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە جايدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش ئەڭ قىيىن بولغان جايلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش كېرەك. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، نېفىتلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-ئېچىش ساھەسىدە جەمئىي توققۇز تۈرلۈك نەزەرىيە، 18 تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  ئەنئەنىۋى يەر تەۋرىتىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدا يەر ئاستىدىكى نېپىز، كىچىك، ئۇششاق، چوڭقۇر گېئولوگىيەلىك يېڭى نىشاننى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، قانداق قىلغاندا يەر قاتلىمىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق «CT سۈرىتى»نى تارتقىلى بولىدۇ؟ غالىبىيەت نېفىتلىكى فىزىكىلىق چارلاش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش ئىنژېنېرى شاڭ شىنمىن مۇنداق دېدى: بۇرۇن «چوڭ تور بىلەن بېلىق تۇتۇپ»، خېلى تۇتۇۋالغان؛ ھازىر پەقەت «بېلىق تورىنى زىچ توقۇغاندىلا» ئاندىن بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ. «بېلىقچىلىق تورى»نى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، غالىبىيەت نېفىتلىكى يەككە نۇقتىلىق يۇقىرى زىچلىقتىكى يەر تەۋرىتىش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 16 رايون بۆلىكىدە قوللىنىپ، 530 مىليون توننا بايلىق بايقىدى.

  غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ غەربىي قىسىم چارلاش رايونى شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدا بولۇپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم چارلاش نەتىجىسىز بولغان. غالىبىيەت نېفىتلىكى «ئۈزۈلمە قاتلام – قۇم قاتلىمى بىرىكمە يىراق مەنبەدىن توشۇش» نېفىت، تەبىئىي گاز ھاسىل بولۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئۈچ يىلدا ئۈچ يېڭى نېفىتلىك بايقىدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىتنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئۇدا بەش يىل 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق مۇقىم مەھسۇلات ئېلىندى.

  تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە، غالىبىيەت نېفىتلىكىدە 60 يىلدىن بۇيان جەمئىي 81 نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق بايقالدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىتنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 5 مىليارد 587 مىليون توننا بولدى.

  نېفىتنى تاپقان بىلەن قازغىلى بولامدۇ-يوق، بۇ ئوخشاشلا غالىبلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سىنىدى. غالىبىيەت نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ زۇڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆپ يىل ئېچىش ئارقىلىق، غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ سۇ تەركىبى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسال سۇ تەركىبى نىسبىتى %92تىن ئاشتى، بۇنى «سۇدىن نېفىت سۈزۈش» دېيىشكە بولىدۇ؛ «ئالاھىدە يۇقىرى سۇ تەركىبى مەزگىلىدە يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى»دا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە نېفىت مەھسۇلاتى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پولىمېرلىق ئېرىتىش، ئىككى مەنبەلىك بىرىكمە ئېرىتىش، تەكشى بولمىغان بىرىكمە ئېرىتىش قاتارلىق «تاش ئۈستىدىن نېفىت قىرىش» تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، جەمئىي 70 مىليون توننىغا يېقىن نېفىت ئىشلەپچىقاردى.

  ئېچىش داۋامىدا قوغداپ، قوغداش داۋامىدا ئېچىپ، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، كاربون ئازايتىش پۈتۈن زەنجىرگە سىڭدۈرۈلدى. غالىبىيەت نېفىتلىكى كاربون (IV) ئوكسىدىنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈپ نېفىتنى ئېرىتىپ، كاربوننىڭ نېيتراللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغىچە يەتتە رايونغا 420 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدى كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 390 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدى پېچەتلەندى، بۇ، 250 مىڭ ئاپتوموبىلنىڭ بىر يىللىق كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا باراۋەر. شەرقىي قىسىم نېفىت رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە بىر توننا نېفىت، تەبىئىي گاز سەرپىياتى ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلىتىلدى.

  غالىبىيەت نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نيۇ شۈەنۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، غالىبىيەت نېفىتلىكىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھازىرقى %5تىن %20كە ئۆستۈرۈلۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ