مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 24 تىرىليون 931 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشتى

جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

2021.04.20 21:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 1-پەسىللىك ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېساباتتا، 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 24 تىرىليون 931 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئېشىپ، 2020-يىلى 4-پەسىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان؛ 2019-يىلى 1-پەسىلدىكىدىن %10.3 ئاشقان؛ بۇلتۇرقى تۈپ ساننىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشىدەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ساننى ئاساس قىلىپ ھېسابلىغاندىكى ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %5 بولغان.

  «1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشتى. ئالدىنقى يىلدىكى تۈپ ساننىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ جايدا چاغان ئۆتكۈزۈشى، خىزمەت كۈنىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، 1-پەسىلدە سېلىشتۇرما نىسبەت %0.6 ئۆستى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %5 ئاشتى، بۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: قىش، ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ سىنىقى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى. «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، باشلىنىشى ياخشى بولدى.»

  ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل كۈچەيدى. ئىستېمالغا قارىغاندا، 3-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.2 ئېشىپ، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. مەبلەغ سېلىشقا قارىغاندا، 1-پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەر سېلىنمىسى ئىككى يىلدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.9 ۋە %9.6 ئېشىپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى. ئىمپورتقا قارىغاندا، 3-ئايدا مال ئىمپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7 ئېشىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.4 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 3-ئايدا %5.3 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت، 2-ئايدىكىدىن 0. 2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 2 مىليون 970 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %27 ى ئورۇندالدى. مال باھاسىغا قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئاھالە ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە تەڭلەشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3-ئايدا ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئالدىنقى ئايدىكى %0.2 تۆۋەنلەشتىن %0.4 ئۆرلەشكە ئۆزگىرىپ، ئۆرلەش ۋەزىيىتى بىر قەدەر مۆتىدىل بولدى.

  تەمىنلەش سۈپىتى ياخشىلاندى ۋە ئۆستۈرۈلدى. 1-پەسىلدە، كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.2 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %12.3 ئاشتى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %9.7 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى بارلىق سانائەتنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. 1-پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.3 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %9.9 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىدىن 7 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1-پەسىلدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۆۋەن كاربونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تېز ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى، مىكرو كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3.1 ھەسسە، 1.1 ھەسسە، %73.6 ئاشتى، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق ساندىن ئېشىپ كەتتى. دەسلەپكى ھېساباتتا، 1-پەسىلدە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 تۆۋەنلىدى.

  سۈپەت ئۈنۈمى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى. كارخانىلارغا قارىغاندا، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.79 ھەسسە، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %31.2 ئاشتى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كارخانىلىرى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى 169 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى. ئاھالىلەرگە قارىغاندا، 1-پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئەمەلىي ئاشتى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %4.5 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولدى.

  كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. 3-ئايدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋالغۇچى دىرېكتور كۆرسەتكۈچى (PMI) %51.9 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، ئۇدا 13 ئاي گۈللىنىش دائىرىسىدە بولدى؛ ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %56.3 بولۇپ، 4.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ ئۇنىۋېرسال PMI ھاسىلات كۆرسەتكۈچى %55.3 بولۇپ، 3.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى، ياسىمىچىلىق كەسپىدىن باشقا كارخانىلارنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %60 ئەتراپىدا بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى.

  ليۇ ئەيخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشماقتا، ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيمەكتە. ھازىر يەر شارىدا يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىت بىر قەدەر كۈچلۈك تۇراقسىزلىققا، مۇقىمسىزلىققا ئىگە؛ ئىچكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك. كېيىنكى قەدەمدە، «مۇقىم بولۇش» ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، «ئىلگىرىلەش» كۈچىنى توپلاپ، «قوغداش» تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ