خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 4- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى"بېيجىڭ داشۆ 3- دوختۇرخانىسى ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئۆسمە داۋالاشتىكى قارا پەردىسىنى ئىنكاس قىلغانلىقى»غا ئالاقىدار توردىكى ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تور ئۇچۇرلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا دەرھال تەشكىللىدى. ئالاقىدار مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەرگىز مادارا قىلىنمايدۇ. ئالاقىدار ئەھۋاللار جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۆسمىگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار تەلەپلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆسمىگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ