مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ

تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغانلار پەقەتلا ھارۋىنى توسقان ياچىۋەكتەك يانجىلىپ كېتىدۇ

2021.04.19 18:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرېل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا − جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى» ناملىق 80 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىپ، پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق پىتنە-ئىغۋا، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن زادى سىغىشالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، تۆھمەت قىلغان، قارا چاپلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھارۋىنى توسقان ياچىۋەكتەك يانجىلىپ كېتىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تېخىمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

  ھازىرقى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولۇش، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى: ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە تەلپۈنۈشى ئىشقا ئاشتى؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت-تەدبىرلىرى كەڭ ئەمگەكچىلەرنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى ئايرىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ھەممىلا يەردە ئاتالمىش شىنجاڭدا «جازا لاگېرى» تەسىس قىلىنغان، «كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى»، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «مەجبۇرىي تۇغماس قىلدى»، «ئىرقىي يوقىتىش مەۋجۇت» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان بىمەنە پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى.

  جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، قان-تەر تۆككەن، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش سېلىشتۇرۇلغان چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە شىنجاڭ خەلقى بۈگۈنكى بەختنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلدى. پاكىت ئالدىدا، پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاپ، قارا چاپلاپ، شۇ جاينىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئاخىرىدا دەۋر چاقى تەرىپىدىن تالقان قىلىنىدۇ.

  «شىنجاڭ ياخشى جاي»، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشايدۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان شىنجاڭ خەلقى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ