مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا مەكتەپ ئىچىدىكى دۇكاننى ھۆددىگە ئېلىشنىڭ ئۈچ يىللىقى 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن؟ بۇ پۇلنى كىم چىقىرىدۇ؟

2021.04.19 18:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «خۇنەن شىننىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ كىچىك دۇكىنىنى ئىجارىگە بېرىش سوممىسى زىيادە كۆپ بولۇش» مەسىلىسى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ دۇكاننىڭ كىمئارتۇق قىلىپ ھۆددىگە بېرىش باھاسى 680 مىڭ يۈەن بولۇپ، لۈ فامىلىلىك بىر كىشى 3 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك سودا باھاسى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

  بۇ يۇقىرى باھالىق مەكتەپ دۇكىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىدە پەيدا بولۇشى ئەمەس. 2016-يىلىلا، گۇاڭشى نەننىڭ 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ كىچىك دۇكىنىنىڭ 1 مىليون 730 مىڭ يۈەنلىك يىللىق ئىجارە ھەققى بىلەن كىم ئارتۇق قىلىپ ئىجارىگە بېرىلگەنلىك خەۋىرى ئاممىنىڭ يۇقىرى باھالىق ئىجارە ھەققى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستېمال يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتەمدۇ-يوق؟ دېگەن ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.

  قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمئارتۇق قىلىپ ئىجارىگە بېرىشتىكى باھا تالىشىش تەرتىپىدە مەسىلە بولمىسىلا، دۇكاننىڭ پۈتۈشۈش باھاسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «شىننىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتىپى» پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئەركىن كىرىپ-چىقالمايدىكەن، ئادەتتە ئاشخانىدا تاماق يېگەندىن باشقا، ئەڭ كۆپ بارىدىغىنى تەبىئىيلا دۇكان ئىكەن. بېكىنمە ئىستېمال مۇھىتى ئاسانلا مونوپوللۇق تىجارەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھانى كېلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، بوغۇزلاشنى كۈتۈپ تۇرغان «تاڭ سېڭنىڭ گۆشى» بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. يىللىق ئىجارە ھەققى بۇنداق يۇقىرى بولسا، سودىگەرلەر ئاستىرتتىن باھانى ئۆستۈرۈپ، ھەتتا ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، تىجارەت تەننەرخىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا يۈكلەپ قويامدۇ-قانداق؟

  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەيلى دۇكان تەسىس قىلىش ياكى ئىجارىگە بېرىش بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ سودا مەيدانى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئۈندۈرۈشنى ئويلىغاندا، ساپ مەكتەپ ئىچىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. دۇكان ئىجارە ھەققى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان جاي، تاۋار تەننەرخىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى باھاسى تەكشى، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك تاۋار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلمىي كىمئارتۇق قىلىپ ئىجارە بەرگەندىن كېيىن، يەنە دۇكاندىكى تاۋار تۈرى، سۈپىتى، باھاسى قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، مۇۋاپىق نازارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «يۇقىرى باھالىق مەكتەپ دۇكانلىرى» مەسىلىسى ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، لېكىن قانداقلا بولسۇن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەميېنىنى كولىماسلىقى كېرەك. نۆۋەتتە، شىننىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دۇكىنىنى ئاشكارا ئىجارىگە بېرىش ئىشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلاپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىز ئاممىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەندىشىسىگە شۇ جاينىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ