مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىتنى ئايلاندۇرغاندا باغلىمىسا قانۇنغا خىلاپ!

2021.04.19 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئىتنى ئايلاندۇرغاندا باغلاش قانۇنغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىيە قانۇنى»دا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەندى: ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىت باققاندا، بەلگىلىمە بويىچە قەرەللىك ھالدا غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشى، ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن ئىممۇنىتېت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىت بېقىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىتنى ئېلىپ ئۆيدىن چىققانلار بەلگىلىمە بويىچە ئىت كارتىسىنى تاقىشى ھەمدە ئىتنى ئارغامچىدا باغلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىتنىڭ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باققان ئىتقا بەلگىلىمە بويىچە قەرەللىك ھالدا غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملىمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى، زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش سورۇنى قاتارلىقلارغا ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ